ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقى سودا مىقدارى ئازلاشقا باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-08-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۈرۈمچى تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقى سودا قىممىتى 6 - ئايدىن باشلاپ ئازىيىشقا باشلىغان. ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىل 1 - ئايدىن7 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئومۇمى ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى 12 مىليارد 530 مىليون دوللار بولۇپ، بۇ مەزگىل ئىچىدىكى تاشقى سودا مىقدارى ئاران 2.2 پىرسەنت ئاشقان. 2012 - يىلى پۈتۈن بىر يىللىق تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسى 25 مىليارد 170 مىليون دوللارغا يېتىپ 10.3 پىرسەنت ئاشقان ئىدى.

بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 10 مىليارد 940 مىليون دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلىنغان، بىر مىليارد 590 مىليون دوللارلىق مال ئىمپورت قىلىنغان.

ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئاپتونوم رايونلۇق تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل يەنە رۇسىيە بىلەن بولغان سودىمۇ ئاستىلاپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن 37.2 پىرسەنت ئازايغان.

بىراق، بۇ مەزگىل ئىچىدە خىتاي خۇسۇسى كۆچمەن كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقى سودىسىدىكى ئورنى كۈچەيگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ دەسلەپكى 7 ئايلىق تاشقى سودا سوممىسى 9 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق قىسمىنى خىتاي خۇسۇسى كۆچمەن كارخانىلىرىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورتى ئىگىلىگەن.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى2009 يىلى «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ھەر خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ۋە خۇسۇسىي كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ جەلپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت