تايلاند دائىرىلىرى ئاچلىق ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنى يىراق لاگېرىغا يۆتكىگەن

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-06-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى باڭكوكتىكى لاگېردىن چەت ياقىدىكى لاگېرلارغا يۆتكىگەنلىكى مەلۇم بولدى.

31-ماي تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار رادىيومىز ئارقىلىق ئېلان قىلغان مۇراجىئەتنامىسىدە دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە تايلاند دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقنى جاكارلىغان ئىدى.

5-ئىيۇن بىزگە بۇ ھەقتە يەتكۈزۈلگەن مەلۇماتلاردا باڭكوكتىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىلا ئاچلىق ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ دەسلەپكى 13 نەپەردىن 31 نەپەرگە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

7-ئىيۇن فېيسبوكتا تارقالغان ئۇچۇرلاردا، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىرتقى دۇنيا ۋە مۇخبىرلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش مەقسىتىدە ئۇلاردىن ئاز دېگەندە 29 كىشىنى كامبودژا چېگراسىغا يېقىن جايدىكى باشقا بىر لاگېرغا يۆتكىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تايلاند دائىرىلىرى بۇلتۇر ئىيۇلدا 2014-يىلىدىن باشلاپ مەزكۇر دۆلەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 400 گە يېقىن ئۇيغۇردىن 109 نەپىرىنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان. كېيىن يەنە 60 قا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ تايلاندتا قېلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

لېكىن، مەزكۇر ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا يوللىغان مۇراجىئەتنامىسىدە مەزكۇر خەتنىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان «70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئورتاق ئاۋازى» ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت