تايلاند ساقچىلىرى باڭكوك بومبا ھۇجۇمىغا ئالاقىدار بىر گۇماندارىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-08-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


تايلاند دائىرىلىرىنىڭ 29 - ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، تاي ساقچىلىرى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى 22 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان باڭكوك بومبا ھۇجۇمىغا ئالاقىدار بىر گۇماندارىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۇماندار باڭكوك شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى نوڭ جوك رايونىدىكى بىر بىنا ئۆيدە قولغا ئېلىنغان. دائىرىلەر بۇ گۇماندارىنىڭ قولىدا تۈرك پاسپورتنى بارلىقىنى، پاسپورتتا بەزەن خاتالىقلار باريقالگانلىقى، شۇڭا پاسپورتنىڭ ساختا بولۇشنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ساقچى باياناتچىسى پراۋۇت تاۋورنسىر، گۇماندار قولغا ئېلىنغان بىنا ئۆيدىن، بىر قىسىم بومبا ياساش ئۈسكۈنىلىرى، ئون نەچچە پاسپورت قاتارلىقلار تېپىلغانلىقىنى بىلدۇرگەن.

تايلاند دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى سوميوت پۇمپانمۇاڭ قولغا ئېلىنغان گۇماندار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۇ بىر چەتئەللىك، ئەمما قارىماققا خەلقئارالىق تېررورچى ئەمەستەك قىلىدۇ. بەلكىم بۇ شەخسىي ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى بولسا كېرەك.

دائىرىلەر بۇ نۆۋەت قولغا ئېلىنغان گۇماندارىنىڭ 17 - ئاۋغۇست باڭكوك ئېراۋان ئىبادەتخانىسى بومبا ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغان گۇماندارىنىڭ ئۆزى ئەمەسلىكىنى،باش گۇماندارنى يەنە ئىزدەۋاتقانلىقىنى،ئۇ ھەققىدە ئۇچۇر بەرگۈچىلەرنى 28 مىڭ دوللار بىلەن تارتۇقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تايلاند ساقچىلىرى ئېراۋان ئىبادەتخانىسىغا قارىتىلغان بومبا ھۇجۇمنى بەلكىم 10 ئادەم بىر ئايدەك تەييارلىق قىلىپ ئېلىپ بارغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

17 - ئاۋغۇستتىكى ھۇجۇمدا كۆپىنچە خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 ئادەم ئۆلگەن، 120 ئادەم يارىلانغان ئىدى.

تايلاند دائىرىلىرى دەسلەپتە ھۇجۇمدا ئۇيغۇرلارنىڭ قولى بارلىقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە ئۇچرىغان. ئۇلار كېيىن ھۇجۇمنىڭ تۈركلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، 28 - ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ھۇجۇمدا گۇمان قىلىنغان 3 ئۇيغۇرنى سوراق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، بۈگۈن قولغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىشنىڭ ساختا تۈرك پاسپورتى بارلىقىنى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەسلى دۆلەت ۋە مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە ھېچ نەرسە ئاشكارىلانمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت