تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سوتى ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-03-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

24-مارت كۈنى تايلاند سوتى تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئاچقان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم سوت ئېچىلىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر بۇلتۇر سېنتەبىر ئېيىدا تايلاند چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرگەن دەپ ئەيىبلىنىپ تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قورامىغا يەتمىگەن بالىلار 13 نەپەر بولۇپ، 2 بالا تايلاند تۈرمىسىدە تۇغۇلغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سەيشەنبە كۈنىدىكى سوتقا تۈركىيە ۋە ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرىمۇ قاتناشقان. تۈركىيە ئەلچىخانا خادىمى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا تۈركىيە پاسپورتى بارلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. سوتنىڭ نەتىجىسى 27-مارت يەنى جۈمە كۈنى چىقىدىغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە «ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەگە كېتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش ئېھتىمالى كۈچلۈك» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلى سېنتەبىردە تۇتۇلغان يۈزلەرچە كىشى ھازىرغىچە تايلاند تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 24-مارت كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا، ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ: «خىتاي قانۇنسىز كۆچمەنلىككە قارشى تايلاند ۋە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت