تايلاند سوتى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تايلاند سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى بىر ئائىلىلىك 17 نەپەر ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، تايلاند كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشى قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى.

كۆپ قىسمى بالىلار ۋە ئاياللارنى ئاساس قىلغان مەزكۇر ئائىلە، تايلاند كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مەھكىمە ئەرز قىلغان ئىدى.

تايلاند سوتى كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشى ھەقلىق، دېگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىك مەسىلىسىگە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن. نۆۋەتتە، ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىك مەسىلىسى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىشتىكى دىپلوماتىك كۈرەشكە ئايلانغان.

تۈركىيە ئۇلارنىڭ تۈرك پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئۇلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن قانۇنسىز ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئائىلىنىڭ ئادۋوكاتى ۋوراسىت پىرىياۋىبۇن، سوتنىڭ قارارىغا قوشۇلمايمەن، مەن يۇقىرى دەرىجىلىك مەھكىمىگە ئەرز قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ قويدۇم، دېگەن. مۇھاجىرلارنىڭ سوتىغا تۈرك ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتلىرى قاتناشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار سوتنىڭ قارارىغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت