تايلاند دائىرلىرى تۈرمىدىن قاچقان 7 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىدىن ئەڭ ئاخىرقى بىرىنىڭ ئىز- دېرىكىنى قىلماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-01-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن ھەپتە تايلاندنىڭ مۇكداخان ئۆلكىسىگە قاراشلىق مۇئاڭ رايونىدىكى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قاچقان 7 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ 6 نەپىرى تايلاند ساقچىلىرىغا تۇتۇلۇپ قالغان. تايلاند تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن تېخى قولغا چۈشمىگەن ئەڭ ئاخىرقى بىرىنىڭ ئىز -دېرىكى قىلىنماقتىكەن.

نۆۋەتتە، تايلاندنىڭ كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە كونكرېت قانچە ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 2015‏-يىلى  7‏-ئايدا يۈز نەچچە ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن تايلاند قاماقخانىلىرىدا 50-60 تەك ئۇيغۇرنىڭ قېلىپ قالغانلىقى ئىلگىرى  سۈرۈلۈپ كەلگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە تايلاند قاماقخانىسىدىن قاچقان 7 نەپەر مۇساپىر ئەنە شۇلارنىڭ بىر قىسىمى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. تايلاندتىكى « بانكوك پوچتىسى» گېزىتى 13‏-يانۋار بەرگەن خەۋىرىدە، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ 6 نەپىرىنىڭ ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قالغانلىقى،  لېكىن بىر نەپىرىنىڭ ھازىرغىچە قېچىپ يۈرۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن 33 ياشلىق مۇتەللىپ ساقچىلارغا تۇتۇلماي ھازىرغىچە قېچىپ يۈرمەكتىكەن. خەۋەردە، ساقچىلارنىڭ ئاپشاركىلارنى ئىشقا سېلىپ، مىكوڭ دەرياسى بويىدىكى بىر قانچە بېلىقچىلار يېزىسىنى ئاختۇرىۋاتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ مۇتەللىپنى مۇشۇ رايونغا مۆكۈۋالغان بولىشى مۇمكىن  دەپ گۇمان قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشىدا 2013‏ -2014‏-يىللىرى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار  شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قاچقان. قېچىش جەريانىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تايلاند  دائىرلىرىغا تۇتۇلۇپ قېلىپ، بىر قىسمىنىڭ تۈركىيەگە كېتىشىگە يول قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسمى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار ئىز -دېرەكسىز يوقالغان. تايلاند دائىرلىرىنىڭ قىلمىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى. مۇكداخان ئۆلكىلىك كۆچمەنلەر ئورگىنى  دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاماقخانىدىن قاچقان 7 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرى  22-38 ياشلار ئارىلىقىدا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت