ئامېرىكا، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-07-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇلار باياناتىدا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى تايلاند قول قويغان خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھەرىكەت، دەپ كۆرسەتتى. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن : «تايلاندتىكى مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى بىزنى قاتتىق ئەندىشىگە چۈشۈردى. بىز تايلاند ھۆكۈمىتىنى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلار پاناھلىق تىلەۋاتقان باشقا بارلىق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز.»

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن : «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ئۇيغۇرلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىسى ئۈستىدە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشقا ۋە خەلقئارا سوت تەرتىپلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم ئۆزى قول قويغان خەلقئارا قانۇنلار بويىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك.»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتى ئاخىرىدا تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «تايلاند ھۆكۈمىتى تايلاندتا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى خالىغان دۆلەتلەرگە كېتىشىگە يول قويۇشى كېرەك» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت