تايلاندتىكى نامايىشلار تېخىمۇ كۈچەيدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-11-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تايلاندتىكى ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدىن بۇيان تېخىمۇ كۈچىيىپ، 100 مىڭ ئادەم قاتناشقان كەڭ كۆلەملىك نامايىش ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى بانكوك شەھىرىدىكى نامايىشلار كېڭىيىپ شەھەرنىڭ كۆپ جايلىرىنى ئىگىلىدى ۋە نامايىشچىلار ھۆكۈمەت بىناسىغا بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇندى.

نامايىشچىلار تايلاند ئايال باش مىنىستىرى يىڭلۇك شىنىۋاترانى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان بولۇپ، نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب، يېقىندا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاند باش مىنىستىرىنىڭ ئاكىسى، يەنى سابىق باش مىنىستىرنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىشىگە ئىمكانىيەت بېرىدىغان يېڭى كەچۈرۈم قانۇنىنى تەستىقلىتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بىراق، تايلاند پارلامېنتى بۇ قانۇننى تېخى تەستىقلىمىغان.

تايلاندتا 2006-يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش بولغاندىن بۇيان، ئۆكتىچىلەر دائىم نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 2008-يىلى ۋە 2010-يىلى ئىككى قېتىم زور كۆلەمدە نامايىش يۈز بەرگەن ۋە تايلاند باش مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى سىڭلىسى يىڭلۇك شىنىۋاتراغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.

يېقىندا تايلاند باش مىنىستىرى شىنىۋاترا يەنە خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىقتىسادىي كېلىشىملەر ئىمزالىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت