ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تېببىي بۇيۇملارنى بېسىۋالغانلىقىغا چارە كۆرۈشنى ئويلىشىۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-04-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇس نۆۋەتتە دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا نۆۋەتتە بۇنىڭ زىيىنىغا ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تەۋەسىدە ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىغا يېتەرلىك تېببىي بۇيۇملار زاپىسىنىڭ بولماسلىقى بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

«نيۇ-يورك پوچتىسى گېزىتى» نىڭ 5-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا يىللاردىن بۇيان ماسكا، پەلەي، ئۆتۈك قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش بۇيۇملىرىنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ قېتىم تاجسىمان ۋىرۇسى دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تەۋەسىدىكى زاۋۇتلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى تېببىي بۇيۇملارنى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىشىنى مەنئى قىلغان.

2020-يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرىدىن فېۋرالنىڭ ئاخىرىغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئاۋسترالىيە، بىرازىلىيە قاتارلىق جايلاردىن ئىككى مىليارد ماسكا ۋە 25 مىليون يۈرۈش يۇقۇمدىن ساقلىنىش كىيىمى ئىمپورت قىلىپ بۇلارنى ئامبارغا بېسىپ قويغان. ئارقىدىنلا ئىمپورت قىلىنغان بۇ تېببىي بۇيۇملارنى ھېچنەگە ئېكسپورت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى بۇ خىل تېببىي بۇيۇملارنىڭ مال زاپىسى ھەممىلا يەردە قۇرۇپ كەتكەن.

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى تولۇق ئىسپاتلىرى بىلەن ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل غەرەزلىك قىلمىشىغا قارىتا قانۇنىي چارە كۆرۈشنى جىددىي ئويلىشىشقا باشلىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سايلام ئىشلىرى ئادۋوكاتى جېننا ئېللىس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بۇنى قەستەن قاتىللىق قىلىش، دەيمىز. ئادەملەر مىڭلاپ ئۆلۈۋاتقان ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان بۇ خىلدىكى غەرەزلىك قىلمىش بىرىنچى دەرىجىلىك قاتىللىقتىن ھېچقانداق پەرق قىلمايدۇ،» دېگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى كومىتېتى» نىڭ ھەيئەت ئەزاسى مايكىل ۋېسسېل بۇ ئەھۋالنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ زاۋۇتلىرىنى نېمە قىلسا ئۆزىنىڭ ئىشى. ئەمما تاشقى دۇنيادىكى بارلىق تېببىي بۇيۇملارنى بىراقلا يىغىۋېلىپ ئامبارغا باستۇرۇپ قويغانلىق دۇنيانى ئاپەتكە ئىتتىرگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس،» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئاقساراينىڭ باش ئىستراتېگىيەچىسى ستېۋېن باننون «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى چېرنوبېل ۋەقەسىنىڭ بىيولوگىيەلىك ۋارىيانتى دېيىش مۇمكىن،» دەپ كۆرسەتكەن.

تاشقى دۇنيانى ھەممىدىنمۇ بەك غەزەپلەندۈرگەن بىر ئىش، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان «دۇنيانىڭ نىجاتكارى» قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاشۇ ئامبارلارغا بېسىپ قويۇلغان تېببىي بۇيۇملارنى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە سېتىپ بەرگەنلىكى ئىكەن. ئۇلار مۇشۇ خىلدىكى «ماسكا دىپلوماتىيىسى» ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ «يۇمشاق كۈچ» ئىستراتېگىيىسىنى دۇنياۋى مىقياستا كېڭەيتمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت