قەشقەرنىڭ توققۇزاق، قاغىلىق ناھىيىلىرى قاتتىق يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-09-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، 5-سېنتەبىر قەشقەر توققۇزاق (كوناشەھەر)، قاغىلىق ناھىيىلىرى تۇيۇقسىز ياققان قارا يامغۇر ۋە يامغۇردىن كېيىنكى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان.

خەۋەردە، شۇ كۈنى قاغىلىق ناھىيىسىدە ياققان قارا يامغۇرنىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارى 30 سانتىمېتىردىن ئېشىپ، يىغىۋېلىش ئالدىدىكى قوناقلار ۋەيران بولغانلىقى، سۇ ئامبارلىرى ۋە ئېرىق-ئۆستەڭلەردىن تاشقان سۇ يوللارنى بېسىپ كېتىپ قاتناش ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى، 6-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنىدىكى دەسلەپكى ستاتىستىكىدا قاغىلىق ۋە توققۇزاق ناھىيىلىرىدىن تەخمىنەن 160 مىڭ ئاھالىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

قاغىلىق ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر 5-سېنتەبىر ياققان يامغۇرنى تەسۋىرلەپ، دۈشەنبە كۈنى ياققان گۈلدۈرمامىلىق قارا يامغۇرنى، ھۆل يېغىن كۆپ دەپ تەسۋىرلىنىدىغان ئۈرۈمچىدە 5 يىل ئوقۇغان مەزگىلدىمۇ كۆرمىگەنلىكىنى، قاغىلىق بازىرىدىلا بىنالىق ئۆيلەردىن باشقا ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدىن دېگۈدەك يامغۇر ئۆتۈپ، يوللارنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكىنى، ئەتراپتىكى يېزىلاردا ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋادىسىدىكى توققۇزتارا، نىلقا، كۈنەس، غۇلجا ناھىيىلىرى، چۆچەكنىڭ تولى، ئۇچتۇرپان قاتارلىق ناھىيىلەردە قاتتىق يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ ئېتىزدىكى بۇغدايلارنى سۇ بېسىپ كېتىش، مال-چارۋىلار ئېقىپ كېتىش، ئۆي-قوتانلار ئۆرۈلۈش ھەتتا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرى يۈز بەرگەن. ئاپەتتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار، ئاپەت ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ بەرگەن ياردەملىرىنىڭ دېھقانلار ئۇچرىغان زىيانلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا يەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ قېتىم قوناق قاتارلىق زىرائەتلەر تېخى يىغىۋېلىنمىغان مەزگىلدە قەشقەردە ياققان قاتتىق يامغۇرنىڭ دېھقانچىلىق ۋە باقمىچىلىق بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا يەنە بىر قېتىملىق ئىقتىسادىي زىيان ۋە بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت