ئۇيغۇر ئېلىدا «كاربون قارا ئۆڭكۈرى» ھەققىدە يېڭى بايقاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013-12-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرغاق رايون جۇغراپىيىسى ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار «كاربون قارا ئۆڭكۈرى» ھەققىدە يېڭى بايقاشقا ئېرىشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى چۆللۈك ۋە بوستانلىقلارنىڭ تۇپرىقىنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش جەريانىدا شورتاڭلىقلارنىڭ تۇپراق تەركىبىگە دىققەت قىلغان. ئۇلار شورتاڭلىقتىكى تۇپراقنىڭ زور مىقداردا كاربون 4 ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ چۆللۈكنىڭ يەر ئاستى قاتلىمىدا غايەت زور ئانئورگانىك كاربون ئامبىرى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بايقىغان.

ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، يەرشارىدىكى كاربون 4 ئوكسىدنىڭ كۆپ قىسمىنى دېڭىز-ئوكيانلار سۈمۈرۈۋېلىپ كاربوننى تەڭپۇڭلاشتۇرغان. ئەمما يەر شارىدىكى 20% گە يېقىن كاربوننىڭ قەيەرگە سىڭىپ كېتىدىغانلىقى ھازىرغىچە نامەلۇم ئىكەن. جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى بۇ قېتىملىق بايقاش «كاربون قارا ئۆڭكۈرى» نىڭ سىرىنى يېيىشتە مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت