11 دۆلەتنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىغا خىتايدىكى تەن جازاسى ھەققىدە مەكتۇپ يوللىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-03-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


11 دۆلەتنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى گو شىڭكۈنگە مەكتۇپ يوللاپ، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان تەن جازاسى ئارقىلىق ئىقرار قىلدۇرۇش قىلمىشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

كانادادا چىقىدىغان يەر شارى پوچتىسى گېزىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى سانىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى غەربتىكى 10 دۆلەت ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىتاي ج خ مىنىستىرى گو شىڭكۈنگە خەت يېزىپ، خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان شى ياڭ، جاڭ تيەنيۇڭ قاتارلىق ئادۋوكاتلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان مەھبۇسلارنى تەن جازاسى ئارقىلىق ئىقرار قىلدۇرۇش قىلمىشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە يەنە، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭمۇ 1-مارت كۈنىدىن باشلاپ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئارقىلىق 11 دۆلەت باش ئەلچىسىنىڭ تەلىپىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، چەتئەل تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنغان ئادۋوكات شې ياڭ قاتارلىقلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ توقۇپ چىقىرىلغان يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتايدا ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

بولۇپمۇ 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ تۈرمىدە قىيناققا ئۇچرىغانلىقى ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر رادىئومىز قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۆپلەپ بېرىلگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش مەسىلىسىنى ھازىرغا قەدەر تەن ئالماي كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت