خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە «تەڭرىتاغ-2014» ناملىق مانېۋىر ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-06-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دائىرىلەر 9-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە، تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە «تەڭرىتاغ ‏- 2014‏» ناملىق مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا دېيىلىشىچە، بۇ مانېۋىر تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان «تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا زەربە بېرىش»نى مەقسەت قىلغان بولۇپ، مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى ئۈرۈمچىدە يەنە يېقىندا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تېررورلۇققا زەربە بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 2014-يىللىق 1-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرغا قوراللىق قىسىم ساقچى، ئەسكەرلىرى، ئالاھىدە ساقچىلار، ئەسكەرلەر، خەلق ئەسكەرلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، دوختۇرلار، ئورگانلاردا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر قاتارلىق كۆپ ساھەدىن ئادەم قاتناشقان بولۇپ، دائىرىلەر بۇ قېتىمقى مانېۋىر ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى ئومۇم خەلق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەر خىل باستۇرۇشنى كۈچەيتىشى سەۋەبلىك يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىق ھۇجۇملىرى كۆپەيگەن. بۇ يىل 1-مارت كۈنمىڭدا يۈز بەرگەن «كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى»، 30-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى پارتلىتىش ھۇجۇمى»، 22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازىرىغا ئاپتوموبىللىق پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى» قاتارلىقلاردىن كېيىن، خىتاي ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، خىتايدا ھۆكۈمەت تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى تەكىتلەيدىغان، خىتاي پۇقرالىرىدا «تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەھىمىسى» كۈچەيگەن ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت