تەيۋەن ئايال پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن جۈمە كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-05-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەيۋەننىڭ تۇنجى ئايال پرېزىدېنتى، تەيۋەن دېموكراتىيە ئالغا پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى سەي يىڭۋېن 20‏- ماي قەسەم بېرىپ، پرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ، شۇ كۈنى تەيۋەن خەلقىگە سۆزلىگەن نۇتقىدا، «بىر خىتاي» پرىنسىپىنى تىلغا ئالمىدى.

ئەمما ھازىرقى ھالەتنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ 1992‏-يىلى ھاسىل قىلغان «ئورتاق تونۇش» نى بىر تارىخىي رېئاللىق، دېدى ھەم ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەي يىڭۋېن بۇ يىل 1‏-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا رەقىبى ما يوڭجيۇنى مەغلۇپ قىلىپ، گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمىتىگە خاتىمە بەرگەن. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بولسا سەي يىڭۋېننى ئىككى قىرغاقنىڭ «بىر خىتاي» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلاپ كەلگەن ئىدى

سەي يىڭۋېن جۈمە كۈنى تەيۋەنلىكلەرگە سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دېدى: «ئىككى قىرغاقنىڭ دىئالوگى ۋە ئالاقىسىدە بىز ھازىرقى ئەندىزىنى ساقلايمىز. 1992‏-يىلى تەيۋەن ۋە قارشى قىرغاق ۋەكىللىرى ئۈز ئارا چۈشىنىش، ئورتاق نۇقتىلاردا پىكرى بىرلىكى ھاسىل قىلىپ، پەرقلىق نۇقتىلاردا ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قېلىش پرىنسىپى بويىچە بىر قانچە مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ۋە چۈشەنچە ھاسىل قىلغان. بىز بۇ تارىخىي رېئاللىققا ھۆرمەت قىلىمىز» دېگەن.

سەي يىڭۋېن يەنە، ئىككى قىرغاقنى ئۆتمۈشتىكى تارىخىي يۈكنى تاشلىۋېتىپ، ئۆز-ئارا ئىجابىي دىئالوگ قۇرۇشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت