خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىدە دونالد ترامپنى ئاگاھلاندۇرغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-01-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئىككى چوڭ ھۆكۈمەت گېزىتى 16-يانۋار كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئەگەردە دونالد ترامپ تەيۋەن مەسىلىسىدە داۋاملىق ئويۇن ئوينىسا، جۇڭگو ئەمدى يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى بەرگەن.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دونالد ترامپ ئۆتكەن جۈمە كۈنى «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «بىر جۇڭگو سىياسىتى ئەمدى مۇرەسسەگە ئېھتىياجلىق» دېگەن. ترامپنىڭ بۇ سۆزى دەرھاللا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېرۋىسىنى ئۆرلەتكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، «‹بىر جۇڭگو سىياسىتى،› جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى. بۇ تۈپ پرىنسىپنى ھەرگىزمۇ مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن. خىتاي باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ يەنە: «ھەرقانداق كىشى مەيلى ئۇ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ دۇنيادا بەزى ئىشلاردا سودا قىلىشقا ياكى ئېلىم-سېتىم قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن.

خىتايدىكى «خەلق گېزىتى» بىلەن «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بۈگۈن تەڭلا ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ترامپنىڭ ‹بىر جۇڭگو سىياسىتى› گە قىلغان ئادالەتسىز ھۇجۇمىغا نىسبەتەن جۇڭگو زۆرۈر ۋە كۈچلۈك بولغان قايتۇرما ھۇجۇم تەدبىرى ئالىدۇ». ئۇنىڭدا يەنە «تەيۋەن قۇربانلىققا ئايلىنىدۇ. جۇڭگو ئەمدى دونالد ترامقا يۈز-خاتىرە قىلىپ ئولتۇرمايدۇ» دېگەندەك ئاگاھلاندۇرۇش ئىبارىلىرى ئىشلىتىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، دونالد ترامپنىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ قانداق يۆنىلىشكە ماڭىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قانداق نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت