خىتاي، تەيۋەن مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا رەسمىي يوسۇندا نارازىلىق بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-07-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، دۈشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇ كاڭ بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ 2018‏-يىللىق مۇداپىئە خامچوت قارارىدىكى تەيۋەنگە ئالاقىدار بەزى ماددىلارغا قارىتا ئامېرىكىغا رەسمىي يوسۇندا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قارارنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئارىسىدىكى ھەرقانداق يوسۇندىكى ھەربىي ئالماشتۇرۇش ۋە يېقىنلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكىنىڭ 2018‏-يىللىق ھەربىي خامچوتىغا ئائىت لايىھىسىدە تەيۋەنگە ئائىت بىر قاتار ماددىلار بار بولۇپ، ئۇ تەيۋەن بىلەن ھەربىي تەلىم-تەربىيىنى كۈچەيتىش، تەيۋەننىڭ مۇداپىئە راسخوتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تەيۋەننىڭ گاۋشيۇڭ ۋە باشقا مۇۋاپىق دېڭىز پورتلىرىدا توختاپ ئۆتۈشى ۋە ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ تەيۋەندە توختاپ ئۆتۈشنى ئىلتىماس قىلىشىغا رۇخسەت بېرىشكە ئائىت ماددىلارمۇ بار. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بۇنداق زىيارەتلىرىنى 1979-يىلى «بىر خىتاي» سىياسىتىنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيان توختاتقان بولۇپ، ئەگەر بۇ ئەسلىگە كەلسە ، ئۇ ھالدا ئامېرىكىنىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىدىكى مەيدانىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. 

جۈمە كۈنى مەزكۇر لايىھە دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان  بولۇپ، بۇ، كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللانغاندىن كېيىن پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىمزاسى  بىلەن كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولغاچقا، ترامپنىڭ قانداق يول تۇتىدىغانلىقى دىققەت تارتماقتا. ئۆتكەن ئاي ئامېرىكا تەيۋەنگە بىر يېرىم مىليارد دوللارغا يېقىن قىممەتتىكى ھەربىي قورال سېتىپ بېرىشنى قارارلاشتۇرۇش ئارقىلىق خىتاينى قاتتىق نارازى قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت