تەيۋەن پرېزىدېنتنىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا سەپىرى باشلانماستىن ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-12-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا خەۋەرلەردە تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ كېلەر ئايدا ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتۈش، ھەتتا دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش ئېھتىماللىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دىققەت ۋە ئىنكاسىنى قوزغىدى.

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، سەي يىڭۋېننىڭ ھەرىكىتى سىياسىي غەرەزلىك ئۇششاق ھەرىكەتلەر دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ئامېرىكا تەرەپنى سەي يىڭۋېننىڭ ئامېرىكىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلماسلىق ۋە تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە خاتا سىگنال بېرىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان.

خەلقئارا خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، دونالد ترامپنىڭ ئۆتكەن ھەپتە سەي يىڭۋېن بىلەن ئېلىپ بارغان كۈتۈلمىگەن تېلېفون سۆھبىتى خىتايدىكى سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇۋەتكەن. بۈگۈن سەي يىڭۋېن بىلەن دونالد ترامپنىڭ سۆھبىتى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان مەشھۇر سىياسىي ئۆكتىچى ئۆركەش دۆلەت سەي يىڭۋېن بىلەن دونالد ترامنىڭ ئۇچرىشىشىنى تاسادىپىيلىق دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەننىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى يالغۇزچىلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكىتىنى تېزلىتىدىغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت