جون پومفرېت: «خىتاي راستىنلا تەيۋەننى ئالالامدۇ؟»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-01-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 5-يانۋار سانىغا بېسىلغان جون پومفرېتنىڭ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى قورال كۈچى ئارقىلىق ئىشغال قىلىش مۇمكىنچىلىكى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان.

مەزكۇر گېزىتنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ سابىق مۇدىرى جون پومفېرېت ماقالىسىدە نۆۋەتتە بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەيۋەندىن نارازى بولۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ «تەيۋەن ئارىلى خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەس» دېگەن قارىشى سەۋەبلىك بىر قىسىم خىتاي ئانالىزچىلارنىڭ «2020-يىلى خىتاي ھەربىي كۈچ قوللىنىپ تەيۋەننى ئىشغال قىلىدۇ» دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ھالبۇكى جون پومفرېت ئالاقىدار مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ، خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلالىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق، دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئالدى بىلەن تەيۋەندىكى ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تەيۋەن ۋە خىتاي ئوخشاش بولمىغان ئىككى دۆلەت، دەپ قارايدىكەن.

ئىككىنچىدىن، خىتاي تەيۋەننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ئىكەن، يەنە كېلىپ تەيۋەننىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېرىمىغا يېقىنى خىتايغا بارىدىكەن. خىتاي مۇشۇ جەھەتتىن قول سېلىپ تەيۋەننىڭ ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىنى زىيانغا ئۇچراتسا بۇ پۈتكۈل تەيۋەن خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىكەن. بۇ بولسا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل ھېسابلىنىدىكەن.

ئاپتور ئاخىرىدا خۇلاسە ئورنىدا نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەيۋەن ئۇرۇشىنىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تەيۋەننىڭمۇ بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن تەيۋەننىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، «خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئۇرۇشتىن بىرەر نەتىجە چىقمايدۇ» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت