تەيۋەن خىتايغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-03-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەيۋەن ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ خىتايغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا تىلغا ئالغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرى فېڭ شىكۈەن پەيشەنبە كۈنى تەيۋەن پارلامېنتىدا 4 يىلدا بىر ئېلان قىلىنىدىغان مۇداپىئە دوكلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندە تەيۋەننىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن پارلامېنت ئەزاسى ۋاڭ تىڭيۈنىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، بۇ تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ مۇنداق ھەربىي ئىقتىدارىغا ئائىت ئوچۇق بىر بايانات ئېلان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن شۇنىڭدەك بۇ يەنە تەيۋەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ 1500 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىدىكى نىشانغا يېتىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ ئىپادىلەيدىكەن.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىش تەھدىتىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ مەخسۇس تەيۋەنگە توغرىلاپ قويغان 1500 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بارلىقى بايان قىلىنىپ، تەيۋەننىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى چوقۇم كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ھەر تەرەپتىن قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن. مۇداپىئە مىنىستىرى فېڭ شىكۈەن سۆزىدە يەنە، تەيۋەننىڭ 2018-يىلى، دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى 3 پىرسەنت ئەتراپىدا ئۆستۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت