تەيۋەن پرېزىدېنتى «جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى دېموكراتىيەلىشىش يولىنى بىزدىن ئۆگىنىشى كېرەك» دېگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-06-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

1989-يىلى 4-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسىگە بۇ يىل 28 يىل بولدى.

دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى خىتاي دېموكراتلىرى بىلەن مەزكۇر ۋەقەنى خاتىرىلىگۈچى زاتلار تۈرلۈك شەكىللەردە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى بۇ زور ۋەقەنى خاتىرىلىدى.

يەكشەنبە كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 28 يىللىق خاتىرىسىگە بېغىشلاپ ئىنكاس قايتۇرغان.

ئۇ ئىنكاسىدا مۇنداق دەپ يازغان: «تەيۋەن بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئارىلىق دەل دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك مەسىلىسىدۇر. دېموكراتىيىگە بەزىلەر بالدۇر، بەزىلەر كېيىنرەك ئېرىشىدۇ، ئەمما نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، دېموكراتىيە ھەممەيلەننىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسى، خالاس.»

سەي يىڭۋېن يەنە مۇنداق دېگەن: «دېموكراتىيە سېنىڭ بوسۇغاڭدا دېۋەيلەپ تۇرغاندا، ھېچ بىر دۆلەت ئۇنى ئەگىپ كەينىگە قايتالمايدۇ. ئەگەردە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى تەيۋەننىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىسىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئىشىنىمەنكى، جۇڭگونىڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتىنىڭ ئازابلىق يولى قىسقىرىغان بولاتتى.»

ھالبۇكى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى تيەنئەنمېن ۋەقەسى ھەققىدە سۆز ئېچىپ، «جۇڭگو بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ھەققىدە ئاللىقاچان خۇلاسە چىقىرىپ بولغان،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت