تەيۋەن بىر خىتاي جاسۇسىنى جازالىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-09-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جۈمە كۈنى تەيۋەن سوتى تەيۋەن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بىر خىتاي جاسۇسىنى 14 ئايلىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇدى.

تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇ خوڭشۈ ئىسىملىك بۇ خىتاي پۇقراسى تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بىر ھۆكۈمەت خادىمىغا پارا بېرىپ ئۇنىڭدىن مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئىستىگەن.


بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن جۇ خوڭشۈ ئەسلى لياۋنىڭلىق بولۇپ، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 

ئۇ، 2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە تەيۋەندىكى داڭلىق چېڭچى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان ۋە ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن خىتايغا قايتىپ كەتكەن. ئەمما ئۇ، بۇ يىل فېۋرالدا مەبلەغ سېلىش مەقسىتىدە تەيۋەنگە قايتا كەلگەن ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، دائىرىلەر ئەسلى بۇ خىتاي پۇقراسىغا 5 يىللىق كېسىم تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، سوت دائىرىلىرى ئۇنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئېلىشتا نەتىجە قازىنالمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭغا 14 ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، جۇ يېقىنلاشقان تەيۋەن ئەمەلدارى دەسلەپتىلا ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى دەرھال ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا مەلۇم قىلغان ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، جۇ، بۇ ئەمەلدارغا بەرگەن مەخپىي ئۇچۇر بەدىلىگە ھەر 3 ئايدا 10 مىڭ دوللار بېرىشنى ۋەدە قىلغان.

جۇ بۇ يىل مارتتىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئەمما خەۋەردە ئۇنىڭ قاچان ۋە قەيەردە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھۆكۈمەت خادىمىغا يېقىنلاشقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بېرى، تەيۋەن-خىتاي ئارىسىدا بىۋاسىتە ئالاقە ئۈزۈلگەن. 

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى تەيۋەنگە ئۆز جاسۇسلىرىنى ئەۋەتىشنى توختاتمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن ھەربىي ساھەسى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ دائىملىق نىشانى ئىكەن.

2015-يىلى 4 نەپەر پېنسىيىگە چىققان تەيۋەن ھەربىي ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىدە ئالغان 5 نەپەر تەيۋەن پۇقراسى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەڭەن.

بۇلار بىر خىتاي ئارمىيىسى ئوفىتسېرىغا تەيۋەننىڭ رادار سىستېمىسى ۋە زامانىۋى كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى يەتكۈزگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت