تەيۋەندىكى يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلگەن بىنانىڭ ئىگىلىرىنىڭ مال - مۈلكى سوت قارارى ئارقىلىق مۇسادىرە قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەيۋەن دائىرىلىرى 6- فېۋرال تەينەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان «ئالتۇن ئەجدىھا» بىنا ئۆيلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىككى نەپەر ئىنژېنېرىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، بۈگۈن سوت قارارى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ بىنادىن كىرگەن كىرىمىنى مۇسادىرە قىلغان.

تەيۋەننىڭ تەينەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن 6.4 بال يەر تەۋرەشتە ھازىرغىچە 98 نەپەر ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ 96 نەپىرى ئەنە شۇ «ئالتۇن ئەجدىھا» بىناسىدا ئولتۇرىدىغانلار ئىكەن. ۋەقە بولۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن دائىرىلەر بۇ بىنا قۇرغۇچىلىرىنى بىنا قۇرۇلۇشىدا ساختىپەزلىك قىلىش گۇمانى بىلەن قولغا ئالغان. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن جىنايى داۋا ئېچىلغان.

بۈگۈن يەنە تەيۋەندە يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇراسىمغا تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ ۋە تېخى يېڭىدىن پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققان پرېزىدېنت سەي يىڭۋېنلار قاتنىشىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت