تەيۋەندىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ سىن تارقاتتى

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيىتوف
2019-04-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەيۋەننىڭ ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى شەنبە كۈنى «ئۇيغۇرلارنى قوللاش، تەيۋەننى قوغداش» نامىدا خىتاي تىلىدا سىن تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى تارقاتقان 5 مىنۇتلۇق سىندا، نۇرى تۈركەل، رۇشەن ئابباس، ئەنۋەر توختى ۋە ئىلھام مەخمۇت قاتارلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلىدىن بېرى 2 مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا تاشلاپ زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى بۇ سىننى ئۆزىنىڭ تورىغا چىقارغاندىن كېيىن، ئۇنى كۆرۈپ قوللىغان تەيۋەنلىكلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى لى ۋېن بۇ سىننى ئېلان قىلغانلىقىغا چۈشەندۈرۈش بېرىپ، «بۇ بىر قىممەت كۆز-قارىشى مەسىلىسى. بىز ئاۋاز چىقىرىشقا توغرا كېلىدىغان بارلىق ئىشلارغا ئاۋاز چىقىرىمىز» دېدى.

لى ۋېن سۆزىدە يەنە: «پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇر كىرىزىسىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئەگەر گومىنداڭ بۇ مەسىلىگە توغرا قارىمىسا، ئۇنىڭدىن تەيۋەن خەلقىنىڭ دېموكراتىيەسى بىلەن ئەركىنلىكىنى قوغدىيالايدۇ دەپ قانداق كۈتكىلى بولسۇن؟ بىز گومىنداڭنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈل ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنى قوللىشىنى سورايمىز» دېدى.

گومىنداڭنىڭ ۋەكىلى چېنمېيخۇئا بۇنىڭغا جاۋابەن: «گومىنداڭنىڭ مەيدانى شۇكى، بىز پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈمىز» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت