تەيۋەن دېموكراتىك ئىلغارلىق پارتىيەسى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى تەيۋەندە خىتايغا بولغان گۇماننى تېخىمۇ ئاشۇردى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەيۋەندە ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتىك ئىلغارلىق پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى لى ۋېن 2‏-ماي كۈنى «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرىغا قامىشى تەيۋەندە ئۇنىڭغا قارىتا تېخىمۇ گۇمان پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كونتروللۇدىكى تەيۋەننىڭ كېلەچىكىگە كۆلەڭگە چۈشۈرمەكتە ئىكەن. ئۇ تەيۋەندىكى مۇنازىرىلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان رەھىمسىز مۇئامىلىسى تەيۋەننىڭ كېلەچىكىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تەيۋەندىكى تاراتقۇلار ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى «ئەگەر تەيۋەننى خىتاي باشقۇرۇپ قالسا ئۇنىڭ مەۋجۇت دېموكراتىك ھاياتى قانداق ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ» دەپ قارىماقتا ئىكەن. ئۇ يەنە تەيۋەندە خىتاينىڭ «شىنجاڭ، تىبەت، ۋە خوڭكوڭدەك رايونلاردا ئەركىنلىكنى بوغۇشى ئۇنىڭ ئۆز چېگراسى ئىچىدىكى پەرقلىق تارىخ ۋە مەدەنىيەتلەرگە ئىگە رايونلارنى باشقۇرۇشتا ئىقتىدارسىز ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ» دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

لى ۋېن 3‏-ماي كۈنى رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ھوقۇق مەنپەئەتىنى ئېزىشى ئەمەلىيەتتە تەيۋەن خەلقىنى بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم ۋە خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارىتا تېخىمۇ چوڭ گۇمان ۋە ئىشەنمەسلىك پەيدا قىلىدۇ.»

ئۇ «تەيۋەندە خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش سادالىرى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە يەنە، تەيۋەننى خىتايغا سېلىشتۇرۇپ، تەيۋەننىڭ مۇسۇلمانلارغا ۋە باشقا ئاز سانلىق دىنىي گۇرۇھلارغا تېخىمۇ دوستانە مۇھىت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ دىنىي ئورگانلارنى خىتايدەك ھاكىمىيەتكە تەھدىت، «ئاشقۇنلۇق» دەپ قاراش ئورنىغا ئۇلارنى ئەركىنلىك ۋە كۆپ خىللىقنىڭ كاپالەتچىسى، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، «مانا بۇ تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىيلىكنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىشىنى تېخىمۇ مۇھىم قىلماقتا» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت