ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەيۋەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئاخباراتىنى قوللىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 24‏-ئىيۇن كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، 31‏-ماي كۈنى تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى» نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئاخباراتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەيۋەندىكى بۇ يىغىن ئامېرىكادىكى «خىتاي ياردەم جەمئىيىتى»، «مىراس فوندى»، «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەيۋەن جەمئىيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە تەيۋەندىكى خرىستىئان دىنىي گۇرۇھلىرىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭغا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى 21 دۆلەتتىن كەلگەن 80 دەك پارلامېنت ئەزاسى، دىنىي زات ۋە پائالىيەتچىلەر قاتناشقان.

يىغىندا بىرلەشمە ئاخبارات ماقۇللىنىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرلارنى تاقاشقا چاقىرىشى، ياۋروپا پارلامېنتىدا بىرلەشمە گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى ھەل قىلىش، شەخسىي شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا نازارەت قىلىش، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق، دىنىي دەپسەندىچىلىك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدىغان پروگرامما ۋە ئەسۋابلارنى ساتماسلىقى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ خىل ھەمكارلىق ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى چەكلىشى، پېنسىيە فوندى ياكى ۋەخپىلەر ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا چېتىشلىق ھەرقانداق شىركەتنىڭ پاي چېكىنى تۇتماسلىقى، ئۇنىۋېرسىتېتلار خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشى، خەلقئارالىق ئىلمىي خادىملار ۋە ئوقۇغۇچىلار لاگېرلار تاقالمىغۇچە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ ئەمەلدارلىرى قاتناشقان ئىلمىي ئالماشتۇرۇش، يىغىن ۋە زىيارەتلەرگە ئىشتىراك قىلماسلىقى قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئاخباراتتا: «كەڭ كۆلەملىك ياۋايى قىلمىشقا سۈكۈت قىلىش جىنايەتنىڭ داۋاملىشىشىغا يېشىل چىراغ ياققانلىق، ئۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانماسلىق بىتەرەپلىك ئەمەس. بىر ھۆكۈمەتنىڭ جازاسىز ھالدا خەلقئارا ئۆلچەملەرگە خىلاپلىق قىلىشىغا يول قويۇش، بۇ ئۆلچەملەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، باشقا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشىغا ئىلھاملاندۇرىدۇ» دېيىلگەن. 24‏-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتنى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تورى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان. ئۇلار باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ چاقىرىقنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «پارلامېنتلار ۋە ھۆكۈمەتلەرنى، شەخسىي كارخانا، ئىلمىي خادىملار، ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ھەم ب د ت نى خىتايدا دىنىي ئېتىقاد، ئىبادەت ئەركىنلىكى ۋە ئۆز كىملىكىنى ئەركىن ئىپادىلەشنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىلىشىغا قارشى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ئۈندەيمىز» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت