ناچار مۇھىت سەۋەبىدىن تايلاند لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كېسەل يامرىماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە دېيىلىشىچە تايلاندتىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، لاگېردىكى ناچار مۇھىت سەۋەبىدىن مۇساپىرلار ئارىسىدا تۈرلۈك كېسەللەر ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان.

خەۋەردە ياپونىيەدىكى ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى ۋە تۈركىيەدىكى ئابدۇقادىر تۇمتۈرۈكنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىدىن «لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنىدىكى شەرتلەرگە ئەمەل قىلىش» تەلەپ قىلىنغان.

رادىئويىمىزنىڭ تۈركىيەدىكى مۇخبىرىمۇ بۈگۈن تايلاندتىكى مۇساپىرلار لاگېرىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە ئاياللارنىڭ ياردەمگە مۇھتاجلىقى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر ئىشلىدى. تەپسىلاتىنى بۈگۈنكى مەخسۇس سەھىپىلەر بويىچە بېرىلىدىغان ئاڭلىتىشىمىزدا ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت