تىبەتتە يەنە ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014-02-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


تىبەتلەرنىڭ كىرتىي ئىبادەتخانىسىدىكى بىر راھىب پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزىگە ئوت قويغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغۇچىنىڭ كىملىكى ۋە نۆۋەتتىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نەق مەيداننى قورشاۋغا ئالغانلىقى ۋە ئەتراپتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.

تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش شەكلىدىكى قارشىلىق ھەرىكىتى 2009 - يىلى باشلانغان ۋە ھازىرغا قەدەر جەمئىي 120 قېتىم ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

بۇ قېتىمقىسى بۇ يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي تەرەپ ھازىرغا قەدەر دالاي لامانى بۇ ۋەقەلەرنىڭ قۇتراتقۇچىسى دەپ ئەيىبلىمەكتە. دالاي لاما ھازىرغا قەدەر بۇ خىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە «توغرا» ياكى «خاتا» دەپ پىكىر بايان قىلمىغان بولسىمۇ، ۋەقەدە پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە تىبەت ياشلىرىنى قارشىلىق كۆرسەتكەندە ئاقىلانە بولۇشقا دەۋەت قىلغان ئىدى.

دالاي لاما ئۆتكەن يىلى دارامسالادا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى چىن قەلبىدىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت