خىتاي، ئارمىيىسىنىڭ توربۇزارلارنى قوللىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-02-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىدىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئاممىۋى مۇلازىمەت شىركەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تور بېكەتلىرى توربۇزارلارنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ ھۇجۇملارنىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا بۇلارنىڭ ئارقىسىدا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاي باياناتچىسى خۇڭ لېي 19-فېۋرال كۈنى بايانات بېرىپ، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ توربۇزارلارنى قوللىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. خۇڭ لېي سۆزىدە، خىتاينىڭمۇ توربۇزارلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تور ھۇجۇمىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆز-ئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا تور ھۇجۇمىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ بۈگۈن تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تور بۇزغۇنچىلىقى ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى تور بېكىتى سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقان توربۇزارلار ھۇجۇمى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، دوكلاتتا خىتايدىن كېلىۋاتقان 141 قېتىملىق تور ھۇجۇمىنىڭ شاڭخەيدىكى 12 قەۋەتلىك بىر بىنادىن كېلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، بۇ بىنانىڭ 61398-قىسىم دەپ ئاتىلىدىغان خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت