ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بۇزارلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئالاقىدارلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-10-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جېين ساكى پەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات يىغىنىدا خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمچى تور بۇزارلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئالاقىدار گۇرۇھلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە شۇنداقلا پرېزىدېنت ئوبامانىڭ كېلەر ئاي خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىدە بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

جېين ساكى، بۇ مەسىلە ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان-قىلىنمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، تور بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىز خىتاي بىلەن ئومۇمى دائىرىدە سۆزلىشىپ كېلىۋاتقان مەسىلە. ئەگەر بۇ مۇزاكىرە تېمىسى بولمىسا، مەن ئۈچۈن ھەيران قالارلىق بولىدۇ، دېدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى چارشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلىق تور بۇزارلارنىڭ بىرى قىسىم ئامېرىكا كومپيۇتېر، تور بىخەتەرلىك شىركەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ سىسكو، مىكروسوفت، تېنايبول، سايمېنتېك، فايىرئاي قاتارلىق ئامېرىكا نازۇك تېخنىكا شىركەتلىرىگە تور جاسۇسلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى جوش كەمبېل، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلىق ئۇنسۇرلارنىڭ تور ھۇجۇمىنى بايقىغانلىقى، بۇ خىل ھۇجۇم يەنە خۇسۇسى تور بىخەتەرلىك شىركەتلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تور بىخەتەرلىك شىركەتلىرىنىڭ ھۇجۇمغا قارشى مۇداپىئە ئۇچۇرلىرىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. سايمېنتېك شىركىتى تور بۇزارلىرىنىڭ خىتاينى بازا قىلغان «كۈچلۈك ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە»، «يۇقىرى ئىقتىدارلىق» ھۇجۇم گۇرۇپپىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باياناتچىسى گۇاڭ شىڭ، خىتايغا قارىتىلغان تەنقىدنى «ئاساسسىز» دەپ كۆرسىتىپ، بۇ خىل تەنقىد پەقەت ئۆز ئار ئىشەنچ ۋە ھۆرمەت ئاساسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىقلا ھەل بولىدىغان بۇ مەسىلىدە ئىجابىي رول ئوينىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت