كانادا خىتاينى كانادانىڭ ھۆكۈمەت تورىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-07-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادا چارشەنبە كۈنى خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ كانادا ھۆكۈمەت تورىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىگە رەسمىي نارازىلىق بىلدۈرگەن. كانادا دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دۆلەتنىڭ قوللىشىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق خىتاي تور بۇزارلىرى يېقىندا كانادا دۆلەتلىك تەتقىقات كېڭىشىنىڭ تورىغا بۇزۇپ كىرگەن.

كانادا ئىلگىرى ئۆزىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق قايسى دۆلەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى. لېكىن چارشەنبە كۈنى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھۇجۇمنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون بېيردنىڭ باياناتچىسى، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ توغرۇلۇق كانادا تەرەپنىڭ پىكرىنى تولۇق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتچىسى ئادام خوج: كانادا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە ناھايىتى جىددىي قارايدۇ، بىز بۇنى بېيجىڭ ۋە ئوتتاۋادىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرۇشىشىدا ئوتتۇرىغا قويدۇق، دېدى.

كانادا تەتقىقات كېڭىشى مەزكۇر ئەلنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتاقلىق كانادا ئايروپىلان، پويىز ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى-بومباردېر بىلەن يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار. لېكىن خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى، بېيجىڭنىڭ تور ھۇجۇمىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت