خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تورنى نازارەت قىلىش خىزمىتىدە 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئىشلەيدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-10-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا سېلىپ، مىكرو بلوگ قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇر، ماقالە، يازمىلارنى نازارەت قىلىدىكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئۇچۇر «بېيجىڭ گېزىتى» تەرىپىدىن پاش قىلغان. نازارەتچىلەر مىكرو بلوگلاردىكى جامائەت پىكرىنى توپلاپ ۋە ئانالىز قىلىپ، يۇقىرىغا يوللايدىكەن.

خىتاي دۇنيادىكى تور قوللانغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپلا قالماي، تور دۇنياسى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغان ئەل. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر تور ساقچى قىسىملىرىنىڭ كۆلىمى ۋە سانىنى ئېلان قىلىپ باقمىغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ 2 مىليون نازارەتچى خىتاينىڭ زور كۆلەملىك تورنى كونترول قىلىش قوشۇنىنىڭ بىر قىسمى، خالاس.

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى‏-ئەركىنلىك سارىيى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ تورنى كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىپ، توردا ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارنى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت تور قوللانغۇچىلىرىنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تورنى قاتتىق كونترول قىلسىمۇ، بىراق مىكرو بلوگ قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىدىغان پىكىرلەر داۋاملىق كۆپەيمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت