پرېزىدېنت ترۇمپ بىلەن پرېزىدېنت پۇتىن تېلېفوندا سۆزلەشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترۇمپ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن شەنبە كۈنى تۇنجى قېتىم تېلېفوندا سۆزلەشكەن بولۇپ، مەزكۇر ئىككى پرېزىدېنتنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئاق ساراي باياناتى ئاساسىدا بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت ترۇمپ بىلەن پرېزىدېنت پۇتىننىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ھەمكارلىشىپ، كۈرەش قىلىشقا ۋە سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دۇنيادا تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىشكە ئائىت بولغان.

ئۇلارنىڭ سۆھبىتى بىر سائەتكىچە سوزۇلغان بولۇپ، پۇتىن يەنە ترۇمپنى پرېزىدېنتلىق ئورنى بىلەن تەبرىكلىگەن.خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت ترۇمپ ۋە پرېزىدېنت پۇتىن بۈگۈنكى تېلېفوندىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ تېزلىكتە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە باشقا مۇھىم مەسىلىلەرگە كىرىشىش ئۈمىدىنى بىلدۈرۈشكەن.

پۇتىن بىلەن ترۇمپنىڭ تېلېفون سۆھبىتى رۇسىيە جامائىتىنى ئالاھىدە قىزىقتۇرغان بولۇپ، كرىمېلمۇ بۇ سۆھبەت ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان. كرىمېل تەرەپ پۇتىن بىلەن ترۇمپ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەزىيەت، ئىككى تەرەپ سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسى، ئۇكرائىنىيا ۋەزىيىتى باشقا بىر قاتار تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئەمما، خەۋەردە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئىقتىسادىي ئىمبارگونىلىرىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىگە ئائىت ئۇچۇر يوق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت