پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئاخىرقى 10 ھەپتىدە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تېخىمۇ جىددى قارارلارنى ئالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-11-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ ھوقۇقتىكى ئاخىرقى 10 ھەپتىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى، خوڭكوڭ ۋە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ جىددىي قارارلارنى ئالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئامېرىكادىكى «ئوكسىيوس» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ھۆكۈمەتنىڭ «شىنجاڭ ۋە خوڭكوڭدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ياكى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنى، ئاپپارات ۋە ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى پىلانلاۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ ھەرىكىتى كەلگۈسىدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ خىتايغا قارىتا يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشىگە سىياسىي ئىمكان قويماسلىقنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى جون ئۇلىيوت «خىتاي يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، خەلقئارا سەھنىدە مەسئۇلىيەتچان بولمىغىچە كەلگۈسىدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى پرېزىدېنت ترامپنىڭ تارىخىي قارارلىرىنى ئۆزگەرتسە، سىياسىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىق بولىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ جازا تەدبىرلىرى شىنجاڭ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىدىن ھالقىيدىغانلىقى، ئەمما تەيۋەن مەسىلىسىدە تېخىمۇ چوڭ قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت يەنە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ئالاقىسى بار خىتاي شىركەتلىرىنى چەكلەش تىزىملىكىنى كېڭەيتىشنى مۇزاكىرە قىلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت