بېرلىندا «تۈركىستان كېچىسى» ناملىق ئىلمىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013-12-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيەدىكى تۈرك بىرلىكى ۋە باشقا ئىلمىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 25-دېكابىر كۈنى بېرلىندا «تۈركىستان كېچىسى» ناملىق ئىلمىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ پائالىيەتكە گېرمانىيەدىكى ھەرقايسى ئاممىۋى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ئورتا ئاسىيا ئەللىرىدىن كەلگەن تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان مۇھاجىرلار، ئۇيغۇرلار ۋە ئافغانىستان ئۆزبەكلىرىدىن بولۇپ بىرقانچە يۈز كىشى قاتناشقان.

«تۈركىستان كېچىسى» نامىدىكى بۇ ئىلمىي ۋە ئاممىۋى پائالىيەتنىڭ گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئۆز-ئارا قېرىنداشلىقىنى ۋە ئورتاق مەدەنىيەت كىملىكىنى قايتا تونۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «تۈركىستان كېچىسى» نامىدىكى مەزكۇر پائالىيەت 1930-يىللاردا بېرلىن ۋە پارىژنى مەركەز قىلىپ كوممۇنىزم ئىستېلاسىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغان مۇھاجىرەتتىكى تۈركىستانلىق سەرخىللارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئەسلەتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت