قىسقا ئۆمۈر سۈرگەن «تۈركىستان مۇختارىيىتى» خاتىرىلەندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-02-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ھاكىمىيەتكە كەلگەن پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيويېف بىر قاتار ئىسلاھات پائالىيەتلىرى ۋە يېڭىلىقلىرى دىققەتكە سازاۋەر بولۇۋاتقاندا سوۋېت كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان تۈركىستان مۇختارىيىتىنىڭ 100 يىللىقى تاشكەنتتە خاتىرىلەندى.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23-فېۋرال كۈنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتىكى ئەمىر تېمۇر مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە خاراكتېرلىك خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئۇكرائىنا ۋە باشقا ئەللەر ئالىملىرى، دىپلوماتلىرى ژۇرنالىستلىرى ھەم ئۆزبېكىستان ئالىملىرى ۋە زىيالىيلىرى قاتنىشىپ، 1917-يىلى، 28-نويابىر كۈنى قوقان شەھىرىدە قۇرۇلۇپ، 1918-يىلى، 22-فېۋرال كۈنى قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان تۈركىستان مۇختارىيىتى دەپ ئاتالغان مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى، ئاغدۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ سىياسىي پروگراممىسى قاتارلىقلارنى مۇھاكىمە قىلغان. 

تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1917-يىلى، ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن ۋە تاشكەنتتە رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ، يەرلىك مۇسۇلمانلار چەتكە قېقىلغان، نەتىجىدە 1917-يىلى، 26-نويابىر كۈنى «شورائىي ئىسلامىيە» تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە پۈتۈن تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى قۇرۇلتىيى قوقان شەھىرىدە چاقىرىلىپ، قۇرۇلتاي نەتىجىسىدە، 28-نويابىر كۈنى يېڭى دۆلەت-تۈركىستان مۇختارىيىتى ئېلان قىلىنغان. بۇ دۆلەت رەھبەرلىكى قازاق، ئۆزبېك، تاتار، يەھۇدىي قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قازاقلاردىن مۇھەممەد تىنىشبايېف، كېيىنرەك مۇستافا چوقاي ھۆكۈمەت رەئىسى بولغان. تۈركىستان مۇختارىيىتى تاشكەنتتىكى سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن 1918-يىلى، 22-فېۋرال كۈنى موسكۋا ۋە تاشكەنتتىن كەلگەن رۇس قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە تارمار بولغان، مۇستافا چوقاي قاتارلىق رەھبەرلىرى كېيىن چەتئەللەرگە قېچىپ كېتىپ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان، ئارقىدىن پۈتۈن پەرغانە ۋادىسىدا بولشېۋىكلەرگە قارشى قوراللىق قارشىلىق كۈرىشى ئەۋجى ئالغان. 

ئۆزبېكىستان ئالىملىرى تۈركىستان مۇختارىيىتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن تۇنجى دېموكراتىك پرىنسىپلارنى ئاساس قىلغان جۇمھۇرىيەت دۆلىتى دەپ باھا بەرگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتنى 70 يىل «ئەكسىيەتچىل»، «بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت» دەپ قارىلىغان ئىدى.

تولۇق بەت