ئەردوغان تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش ئارزۇسىنى ئىپادە قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-11-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


تۈركىيە پرېزىدەنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەند شەھىرىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قايتىش سەپىرىدە قىلغان سۆزىدە تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش ئۈمىدىنى ئىپادە قىلىش بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنى بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلماي كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرگەننىڭ ئورنىغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، «تۈركىيە شاڭخەي بەشلىكى ئىچىدە نېمىشقا بولمىسۇن؟» دېگەن ۋە ئۆزىنىڭ بۇ پىكرىنى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ۋە قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېفقا ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

مەلۇمكى، 2013-يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۈركىيەگە بۇ تەشكىلاتنىڭ دىئالوگ شېرىكى دېگەن سالاھىيەتنى بەرگەن ئىدى. ئەلۋەتتە رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر رەسمى ئەزا بولغان بۇ تەشكىلاتتا، موڭغۇلىيە، ھىندىستان، پاكىستان، ئىران ۋە ئافغانىستان كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىگە ئىگە بولغان ئىدى.

تۈركىيە «ترت» رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت ئەردوغان يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 53 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنى «كولدۇرلاتقانلىقى»نى، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ لاتىن ئامېرىكاسى ئەللىرىگە قارىتا ۋىزىنى بىكار قىلسىمۇ، ئەمما تۈركىيەنى «كولدۇرلىتىۋاتقانلىقى» ۋە ھەتتا لىدىرلار يىغىنلىرىغا تۈركىيەنى چاقىرمايۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت