تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرى خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن ئەندىشە قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھېچقانداق ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ قىرقلارئەلى ۋىلايىتىدىكى پەھلىۋانكۆي قايتۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرى ئەخمەت شەمشىدىن ئەنە شۇنداق خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ يېقىندا فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆزىنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدىكى بىر ھۆججەتكە ئىمزا قويدۇرۇلغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ ھۆججەتلەرنى دەسمايە قىلىپ، ئۆزىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىل 29 ياشلىق ئەخمەت شەمشىدىننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق گۇۋاھنامىسى ۋە ئىشلەش رۇخسىتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ يىل 30‏-مايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، پەھلىۋانكۆيدىكى قايتۇرۇش مەركىزىگە سولاپ قويۇلغان ئىكەن. نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى قايتۇرۇش مەركەزلىرىدە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. يېقىندا تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايالنى 2 بالىسى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىستانبۇلدىكى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى ماڭدۇرۇۋاتقان ئەخمەت شەمشىدىن تۈركىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى» ناملىق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ «ئاساسلىق پۇل بىلەن تەمىنلىگۈچىلىرىنىڭ بىرى» دەپ ئەيىبلەنگەن ئىكەن. ھالبۇكى، ئەخمەت شەمشىدىن فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا ئۆزىنىڭ «بۇنداق بىر تەشكىلاتنى ھېچ ئاڭلاپ باقمىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ زىننەتگۈل تۇرسۇنغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە قېلىشتىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى زىننەتگۈل تۇرسۇننى «تاجىكىستان پۇقراسى» دەپ تاجىكىستانغا يولغا سېلىۋەتكەن بولۇپ، ئۇ يەردىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت