خىتايلار تۈركىيەگە يىراق مۇساپىلىك ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى قۇرۇپ بېرىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-09-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيە يىراق مۇساپىلىك ھاۋا مۇداپىئە ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىر خىتاي شىركىتىگە ھۆددىگە بەرگەن. 4 مىليارد دوللارلىق مەزكۇر قۇرۇلۇشنى خىتاينىڭ «جۇڭگو ئۆتكۈر ئەسلىھەلەر ئىمپورت-ئېكسپورت گۇرۇھى» ناملىق شىركەت ھۆددىگە ئالغان.

بىراق ئامېرىكا بۇ يىل 2‏-ئايدا مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىران، شىمالىي كورېيە ۋە سۈرىيەگە چەكلەنگەن ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سېتىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى چەكلەش قارارىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېمبارگو قويغان ئىدى. ئامېرىكا بۇرۇن مەزكۇر شىركەتكە بىر قېتىم ئېمبارگو قويۇپ، 2003‏-يىلى ئېمبارگونى ئۇزارتقان. ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم قاچان ئېمبارگو قويغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

تۈركىيە يىراق مۇساپىلىك ھاۋا مۇداپىئە ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇش توختامىغا ئېرىشىش رىقابىتىگە ئامېرىكا، رۇسىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق قورال-ياراق شىركەتلىرى قاتناشقان. بىراق تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ھۆددىگەرلىكنىڭ خىتاي شىركىتىگە بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

تۈركىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى خىتايغا بېرىشىدە قانداق ئامىللارنىڭ رول ئوينىغانلىقى مەجھۇل. تۈركىيە ش ئا ئو ئە ت دىكى كۈچلۈك ھەربىي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر يىراق مۇساپىلىك ھاۋا مۇداپىئە ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى يوق ئىدى. ش ئا ئە ت بۇ يىل 1‏-ئايدا تۈركىيەگە «ۋەتەنپەرۋەر» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۈرىيەدىن كېلىدىغان ھاۋا ھۇجۇمىغا قارشى مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت