تۈركىيىنىڭ ئاناتولىيە ئۆلكىسىدە 5.8 بال يەر تەۋرىگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى تۈركىيىنىڭ ئاناتولىيە ئۆلكىسىدە 5.8 بال يەر تەۋرىگەن. خەۋەرگە قارىغاندا يەر تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى تېيىز بولغان.

تۈركىيە يەر تەۋرەش خېلى كۆپ كۆرۈلىدىغان رايونلارنىڭ بىرى.

1999-يىلى ئىزمىردا 7.2 بال يەر تەۋرەپ، 17 مىڭ ئادەم قازا قىلغان. شۇ يىلى يەنە دۈزجە ئۆلكىسىدە كۆرۈلگەن يەر تەۋرەشتە 849 ئادەم قازا قىلغان ئىدى.

بۇ قېتىم ئاناتولىيە ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرى كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت