تۈركىيەنىڭ قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن غايىبانە مېيىت نامىزى ئوقۇلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-06-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

26-ئىيۇن جۈمە كۈنى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى، ئەنقەرە، ئەرزىنجان، توكات ۋە سىۋاس قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى مەسچىتلەردە 22-ئىيۇن قەشقەر شەھىرىدىكى توقۇنۇشتا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ روزا تۇتۇشنى چەكلەش بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنمىغانلىقى سەۋەب قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن غايىبانە مېيىت نامىزى ئوقۇلغان.

26-ئىيۇن قەيسەرىدىكى ھۇنات جامەسىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن، ئۈلكۈ ئوجاقلىرىنىڭ ۋىلايەتلىك شۆبىسىنىڭ باشچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن غايىبانە مېيىت نامىزى ئوقۇلغان. نامازغا قەيسەرىدىكى تۈركلەر، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر قاتناشقان. جۈمە كۈنى يەنە تۈركىيەدىكى داڭلىق مەسچىتلەردىن ئەرزىنجاندا كەبىر جامەسىدە، توكاتنىڭ ئەلى پاشا جامەسى ۋە سۇشەھرى ناھىيەسىدىكى بالتۇخان جامەسى قاتارلىقلاردىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن غايىبانە مېيىت نامىزى ئوقۇلغان.

تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئوممىۋى تەشكىلاتلار يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، جۈمە كۈنى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن غايىبانە مېيىت نامىزىغا تۈركىيەدىكى ئۈلكۈ ئوجاقلىرى، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى قاتناشقان. ئۇنىڭدىن 26-ئىيۇن جۈمە كۈنى يەنە ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئىپتار قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت