دىپلومات: «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغا تۈركىيەنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى سېتىۋالماقتا»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-08-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغا تۈركىيەنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى سېتىۋېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن دىنىي ۋە ئېتنىك قېرىنداشلىقى بولغان تۈركىيە دەۋرىمىزدىكى ئەڭ جىددىي كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى بولغان ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشنى تاللىغان مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ سېپىگە قوشۇلغان.

«خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغا تۈركىيەنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى سېتىۋالماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالىدە، ئۆزىنى دۇنيادىكى «مۇسۇلمانلارنىڭ چېمپىيونى» دەپ قارايدىغان پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە بۇ سۈپىتىنى ئۇنۇتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە يەنە تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچىلەر قانۇن تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندا ئەردوگاننىڭ ئادالەت-تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بىرلىشىپ، قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى رەت قىلغانلىقى، بىر ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ «ئادالەت-تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى 50 مىليارد دوللارغا ساتتى» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن. مەزكۇر ماقالىنى سابىق تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ئايكان ئەردەمىر بىلەن «دېموكراتىيەنى قوغداش فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى فىلىپ كوۋالىسكىي قەلەمگە ئالغان.

ماقالىدە يەنە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ «بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھگاھى، دەپ قارالغان تۈركىيەنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە باش ئېگىپ، ئۇيغۇرلارنى 3-دۆلەت ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇشى ئەقىلگە سىغمايدۇ. تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشنى توختىتىشى، پاناھلىق تىلىگەن بارلىق ئۇيغۇرلارنى قوغدىشى كېرەك» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەردوگاننىڭ بېيجىڭنىڭ تەلىپىگە ئەمەل قىلىشىغا غەرب مەبلىغىنىڭ تۈركىيەدىن قېچىسى، ئۇنىڭ خىتاي مەبلىغىگە بولغان ئېھتىياجى تۈرتكە بولماقتىكەن».

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت