چاۋۇشئوغلۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى خىتاي بىلەن بولغان ھەر دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەر دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقى، بۇ مەسىلىگە ب د ت ۋە رايون خاراكتېرلىك سەھنىلەردە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى تۈركىيەنىڭ دۆلەت سىياسىتى ئىكەن.

چاۋۇشئوغلۇ بۇ سۆزلەرنى تۈركىيەدىكى ئىيى پارتىيە پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل ئوقنىڭ ئۇنىڭغا سۇنغان تىلەك خېتىگە بەرگەن جاۋابىدا تەكىتلىگەن. تۈركىيەدىكى «گازىتە كرىتىك» ناملىق تور گېزىتىنىڭ 17‏-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئىسمائىل ئوق بۇنىڭدىن 2 ئاي ئاۋۋال چاۋۇشئوغلۇغا سوئال تىلەكچىسى سۇنۇپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى سورىغان.

چاۋۇشئوغلۇ ئىسمائىل ئوققا بەرگەن جاۋابىدا: «چەتدۆلەتلەردىكى ئىرقداش ۋە تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن ھامكارلىق ئاساسىدا تىل، دىن ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى ھۆكۈمىتىمىز يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان دۆلەت سىياسىتىدۇر. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىتىمىز بۇ دائىرىدە يۈرگۈزۈلمەكتە. ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەھۋالى، مۇھىم مەسىلىلەر بويىچە ھەمكارلىق ئىچىدىكى خىتاي ئورگانلىرى بىلەن ھەر خىل سەۋىيەدە كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە. بولۇپمۇ ب د ت باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك سەھنىلەردە يېقىندىن دىققەت قىلىنماقتا» دېيىلگەن.

لېكىن خەۋەردە، چاۋۇشئوغلۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشىشى دۆلەت سىياسىتىمىز»، دېگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دەپ كېلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا زىيالىيلار، ئىلمىي تەتقىقاتچىلار، سەنئەتچىلەر ۋە يازغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە خورلاشقا ئۇچراۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، چاۋۇشئوغلۇنىڭ بەرگەن جاۋابى تەنقىدلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت