تۇرپان ۋىلايىتى تۇيۇق مازىرى بىلەن تۇرپان كارىزلىرىنى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تۇرپان ۋىلايىتى تۇيۇق مازىرى بىلەن تۇرپان ئويمانلىقىدىكى كارىزلارنى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلماقتىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئىش تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ 2015-يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىگە كىرگەن ھەمدە بۇ تۈرنى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى» غا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش تەييارلىق خىزمەتلىرى رەسمىي باشلانغان.

مەلۇمكى، تۇيۇق كەنتى تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىگە 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، تارىختىن بۇيان تۇرپان ئويمانلىقىدىكى مۇھىم دىنىي ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى بولۇپ كەلگەن. تۇيۇق كەنتىگە جايلاشقان تۇيۇق مازىرى ئادەتتە خەلق ئىچىدە «ئەشابۇل كەھف غارى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھالبۇكى، 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ خىتاي ساياھەت شىركىتى بۇ جاينى سېتىۋېلىپ، مازارلىقنى قورشاۋغا ئالغان. بۇ شىركەت يىراق-يېقىندىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن تاۋاپچىلاردىن كىرىش ھەققى ئېلىپ، بۇ جاينى پۇل ئۈندۈرۈۋېلىشنىڭ كوزېرىغا ئايلاندۇرۇۋالغان.

ئۇندىن باشقا، تۇرپان-قومۇل ئويمانلىقىدا نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن كارىزلار يېقىنقى مەزگىللەرگە كەلگەندە خىتاي نېفىت شىركەتلىرىنىڭ رايوندا شىددەت بىلەن نېفىت قېزىشى ۋە يەر ئاستى سۈيىنى ئادەتتىن تاشىقىرى ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە قۇرۇشقا يۈزلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ خىل ئەھۋالدا دائىرىلەرنىڭ تۇيۇق مازىرى بىلەن تۇرپان كارىزلىرىنى «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشى «ئالدى بىلەن ۋەيران قىلىۋېتىپ، ئاندىن كېيىن دەپن مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش» تىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت