ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش دولقۇنىنى قوزغىغان ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ بارغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-10-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە «پارتىيەگە ساداقىتىنى ئىپادىلەپ، ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش» دولقۇنىنىڭ باشلامچىسى بولغان ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىغا ۋەكىللىككە تاللىنىپ، بېيجىڭغا بارغان.

ئۇ، قۇرۇلتاي باشلىنىشتىن ئاۋۋالقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تاجىك ۋەكىل مېھرىگۈل ھېكىمخان بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە «ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ شاد-خۇراملىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

قىزىقارلىقى شۇكى، ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەرەققىياتقا مىسال كەلتۈرگىنىدە، «ئەينى يىللاردا قۇربان تۇلۇم بېيجىڭغا ئېشەك بىلەن كەلگەن ئىدى، ئەمما مەن ئايروپىلان بىلەن كەلدىم،» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ ئۈلگىسى، دەپ ماختىلىۋاتقان ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يەنە مۇنداق دېگەن: «يۇرتۇمدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، يۇرتداشلار گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىدىن، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ۋە خالىس ياردىمىدىن بولغان،» دېگەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلار ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ «تارىختىكى ئەڭ قىيىن بىر مەزگىل» دە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش پۇرسەتپەرەس، ماڭقۇرتلارنى ئاخباراتقا سۆزلىتىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنداق تاكتىكىلارنىڭ ئىشقا يارىمايۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىمەكتە.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدىكى بۇنىڭغا ئوخشايدىغان «سىنارىيەلەر» چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇلاردىن بىر قانچىلىرى تىۋىتتىر ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ: «قۇرۇلتايدىكى خىتاي ۋەكىللەرنىڭ بىردەك غەربچە كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىشكەنلىكى، ئەمما پەقەتلا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرى بىلەن كۆرۈنۈش ياسىغانلىقى» نى ئەسكەرتمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت