ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى تۇتۇپ قالغان 3 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-09-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

د ئۇ ق بۇ يىل 6‏-ئايدا ھىندىستان-خىتاي چېگرا كونترول سىزىقىدىن ئۆتۈپ، لاداق ئەتراپىدا ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا تۇتۇلۇپ قالغان 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 3 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلار بار.

ھىندىستان ئاخباراتى، بۇ يىل 6‏-ئاينىڭ 12-كۈنى ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ جامۇ-كەشمىرگە قاراشلىق لاداق چېگراسىدىكى دۆلەتبەگ ئۆلدى، دېگەن يەرگە يېقىن جايدا ئابدۇخالىق، ئادىل تۇرسۇن ۋە سالام ئىسىملىك 3 ئۇيغۇرنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

تۇتقۇنلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى يەكەن شېۋىسىدە سۆزلىشىدىغانلىقى، لېكىن تەرجىمان بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشتىكى مەقسىتى، چېگرادىن قانداق ئۆتكەنلىكى قاتارلىق تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشكە مۇمكىن بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار جامۇ-كەشمىردىكى لېخ بازىرىغا ئېلىپ بېرىلىپ، دائىرىلەرنىڭ تەرجىمان ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەرلەردە يەنە، تۇتقۇنلارنىڭ يۇرتىنى قاغىلىق، دەپ تونۇشتۇرغانلىقى، بىراق قاغىلىق ھەققىدە كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمىگەنلىكى، ۋەقەگە ھىندىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئارىلىشىپ، سوراق ئىشلىرىنى شۇلارنىڭ ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بەزى ئۇچۇرلاردا ئۇلارنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى، يەنە بەزى ئۇچۇرلاردا داۋاملىق ھىندىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاغىلىق، خوتەن قاتارلىق جايلىرىدىن خىتاينىڭ دىنىي، سىياسىي بېسىمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرنىڭ ھىندىستان، پاكىستانغا قېچىش ئەھۋالى پات-پات يۈز بېرىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت