ئۈچ خىل كۈچكە جەڭنامە ئېلان قېلىش سېپىگە قەشقەردىن بىر خانىم ئەمەلدارچاقمۇ قېتىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-05-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كېرىيەلىك يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن بىلەن باشلانغان ئۈچ خىل كۈچلەرگە جەڭنامە ئېلان قىلىش دولقۇنى ئۇيغۇر رايونىدا داغدۇغىلىق داۋام قىلماقتا، خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جەڭنامە سېپىگە بۈگۈن قېتىلغانلاردىن بىرى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى پاشاگۈل سەدىردىندۇر.

ئەدەبىيات-سەنئەت سېپىدە بەك تونۇلۇپ كەتمىگەن بۇ خانىم ئەمەلدارنىڭ باياناتىدىمۇ ئىلگىرىكىلىرىگە ئوخشاشلا، ئۇيغۇر خەلقى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن مەمنۇن بولۇشقا ۋە ئۇنىڭغا شەرتسىز بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىنغان. ئۇنىڭ باياناتىدا جەڭ ئېلان قىلىنغان نۇقتىلاردىن بىرى، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ ئاتالمىش توي-تۆكۈنلەردە نەغمە -ناۋا ۋە كۈلۈشكە رۇخسەت قىلماسلىقى بولغان.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكىدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندى، ئۇيغۇر رايونىدا بەزى جايلاردا توي-تۆكۈنلەردە نەغمە-ناۋا ۋە كۈلكە-چاقچاقنى تەشەببۇس قىلماسلىقنىڭ، دىنىي تەلىماتلاردىن بەكرەك، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي سىياسىي ۋەزىيىتى، يەنى مەھەللىلەردە ھەر ئۈچ ئائىلىدە بىردىن كىشى تۈرمىدە بولۇشتەك رايوننىڭ تراگېدىيىلىك ۋەزىيىتى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ قوشنىسى ھازىدار بىر ۋەزىيەتتە نەغمە-ناۋانى توختىتىشنىڭ، مىللىيلا ئەمەس، ئىنسانىي بىر تەشەببۇس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت