مىللىي ئىنقىلابنىڭ بۆشۈكى نىلقىدا «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-07-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

25-ئىيۇل كۈنى، ئىككىنچى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ روياپقا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ بۆشۈكى نىلقا ناھىيىسىدە «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىنغا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ۋە تەتىلگە كەلگەن مىڭلارچە ئوقۇغۇچى قاتناشتۇرۇلغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار قەسەمياد سۆزلىرىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۆزلىرىگە يارىتىپ بەرگەن مائارىپ ئىمكانلىرى ۋە ئائىلىلىرىگە بەرگەن ئىقتىسادىي ياردەملىرىگە مىننەتدارلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن.

قەسەمياد سۆزلىرىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىن مىساللار سۆزلەنگەن، ئەمما رايوندا سۇسلاشتۇرۇلۇۋاتقان مىللىي مەدەنىيەت، چەكلىنىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد ۋە يوقىتىلىۋاتقان ئانا تىل قاتارلىق نېگىزلىك مەسىلىلەردە ھېچنەرسە دېيىلمىگەن، نىلقا ناھىيىسىنىڭ مىللىي ئازادلىققا بايراقدار بولۇشتەك پارلاق ئۆتمۈشىمۇ تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ تۈر قەسەمياد يىغىنلىرىدا رايوننىڭ يالغۇز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، رايوندا داۋام قىلىۋاتقان قانلىق باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىقى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ياش ئەۋلادلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش دەپ قارالماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت