ياپونىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاشىمىتسۇ موتېگى 26-نويابىر، يەنى سەيشەنبە كۈنى ياپونىيەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيەنىڭ دۆلەتلىك كۈندىلىك گېزىتى بولغان «ماينىچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان لاگېرلىرى ۋە باشقا نازارەت سىستېمىلىرى ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاشىمىتسۇ موتېگى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «بىز ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشكە ئوخشاش ئۇنىۋېرسال ھوقۇقلارنىڭ خىتايدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى مۇھىم دەپ قارايمىز. شۇڭا بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتىمىز،» دېگەن.

ئۇ يەنە 25-نويابىر كۈنى ئۆزىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ يۇقىرىقى مەيدانىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

-26نويابىر كۈنى يەنە شىۋېيىتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەخسۇس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، لاگېرلار ھەققىدە ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرگە ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇلار باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى دىققەتكە ئېلىشىنى، ب د ت مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ لاگېرلارنى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

ئالدىنقى كۈنلىرى گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلەرگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رايوندا ئەركىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت