ئۇكرائىنىيە، مەدەنىي دۇنيانىڭ قىرىم رېفىراندۇمىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-03-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇكرائىنىيە ئۆتكۈنچى باش مىنىستىرى ياتسۇنيۇك قىرىم پارلامېنتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مەدەنىي دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر ئەل قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇپ كېتىش رېفېراندۇمىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسلار كۆپ سانلىقتىكى قىرىم پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى بىلەت تاشلاپ، رۇسىيەگە قوشۇلۇپ كېتىشنى قوبۇل قىلغان ۋە پارلامېنت قارارىنى 16‏-مارت ئومۇمى خەلق ئاۋازى (رېفىراندۇم) غا قويۇشنى ماقۇللىغان ئىدى.

ياتسۇنيۇك، قىرىم پارلامېنتىنىڭ قارارىنى «قانۇنسىزلىق» ۋە «ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ» دەپ كۆرسەتتى. بىراق، رۇسىيە پارلامېنتى دەرھال رېفىراندۇمنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسى‏-فېدىراتسىيە كېڭىشىنىڭ رەئىسى، ئەگەر قىرىم خەلقى رۇسىيەگە قوشۇلۇپ كېتىشنى قارار قىلسا، رۇسىيە بۇ تاللاشقا ھۆرمەت قىلىدۇ، دېگەن.

پرېزىدېنت ئوباما پەيشەنبە كۈنى رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بىز ئىتتىپاقلىشىپ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا قارشى تۇرۇش، ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى قوللاش مەيدانىدا بىرگە ھەرىكەت قىلىشىمىزغا ئىشەنچىم كامىل، دېگەن. بىراق، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئاگاھلاندۇرۇشنى رەت قىلىپ، ئۇكرانىيەدىكى رۇس پۇقرالىرىنىڭ چاقىرىقىنى كۆرمەسكە سالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پۇتىن بىلەن ئوباما پەيشەنبە كۈنى تېلېفوندا سۆزلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت