ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سوتتا ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ۋە كېيىن ئاقلانغان بىر خىتاي پۇقراسى تۆلەمگە ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-02-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

1997‏-يىلى ئىلى ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان، ئەمما كېيىن ئاقلىنىپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن جۇ يۈەن ئىككى مىليون يۈەن، يەنى 300 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق تۆلەم پۇلىغا ئېرىشكەن.

«سەيشىن» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇ يۈەن ئىسىملىك خىتاي ياش ئەينى چاغدا «باسقۇنچىلىق، قەستەن ئادەم زەخىملەندۈرۈش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ۋە ساقچىلارنىڭ قاتتىق-قېيىن قىستاقلىرىغا ئۇچرىغان. ئۇ مەزكۇر تور گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ قىيناق ئازابىنىڭ چىدىغۇسىزلىقىدىن ئاخىرى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئەينى چاغدا سوت مەھكىمىسى ھېچقانداق بىر دەلىل-ئىسپات بولمىغان بىر شارائىتتا پەقەت ئۇنىڭ ئىقرارنامىسىگە تايىنىپ تۇرۇپلا ئۇنىڭغا كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. 

بىراق، ساقچىلار بىر يىلدىن كېيىن خۇ يۇڭ ئىسىملىك يەنە بىر خىتاينى قولغا ئالغان. خو يۇڭ يۇقىرىدا جۇ يۈەنگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆزىنىڭ قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۇ بۇ سەۋەبلىك 1999يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئىجرا قىلىنغان. جۇ يۈەنگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى 2000‏-يىلى مۇددەتسىز قاماققا ئۆزگەرتىلىپ، 2011‏-يىلى 15 يىلغا قىسقارتىلغان. ئاندىن 2012-يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن.

جۇ يۈەن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ناھەق جازالىنىشى سەۋەبلىك خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان ۋە ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 26-يانۋار دۈشەنبە كۈنى دائىرىلەر ئۇنىڭغا 300 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق تۆلەم بەرگەن. بىراق، جۇ يۈەن ئۆزىنىڭ بۇ تۆلەم بىلەن بولدى قىلمايدىغانلىقىنى، ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ ناھەق سولىنىشىغا سەۋەبچى بولغان ساقچىلارنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى دائىرىلىرى بولسا دېلودىكى قېيىن-قىستاق مەسىلىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتىكەن. 

مەزكۇر ۋەقە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇنى رايوندىكى خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى سىياسىي ھوقۇقنىڭ روشەن سېلىشتۇرمىسى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئالدى ۋە كەينىدە سەۋەبسىز تۈرمىگە قامالغان نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئاقلىنىش ياكى تۆلەمگە ئېرىشىش دېگەندەكلەرنىڭ ھېچبىرىدىن بەھرىمەن بولالمىغان. ئۇلار يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دىمۇ يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ بىگۇناھ سولاققا سولىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت